ئامېرىكا باشقا ئەللەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.02.09

ئامېرىكا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىشى ئاۋاز چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

«دېۋدىسكورس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىس ۋاللىس مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەن قازاق، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلارنىڭ خىتاي قايتۇرۇلماسلىقىنى كاپالەتلىك قىلغانلىقىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «پرىنسىپ نۇقتىسىدىن، بىز مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئەللەرنىمۇ خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى گەپ قىلىشقا چىقىرىمىز.»

ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا توپلانغانلار ئارىسىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ رايونغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئېتنىك قازاق، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلارنىڭ خىتايغا قايتۇرالماسلىقى ۋە ئۇ دۆلەتلەرگە بارغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىدىن مىننەتدار بولدۇق.»

ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭراق رول ئوينىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۇركىي مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا كەسكىن ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ئىزچىل چاقىرىپ كەلگەن دۆلەتلەرنى بىرى.

مەزكۇر لاگېر تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆتكەن 3 يىلدىن بېرى قازاقىستان دائىرىلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان پۇقرالىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ چىققان، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قازاقىستان يېشىل كارتىسى بار يەنە بىر قانچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ 3-بىر دۆلەتكە بېرىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.