«تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.10

10-فېۋرال «تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى تەھلىل قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيونىڭ 19-يانۋار جاكارلىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتى ۋە يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى خەلقئارادا جىددىي تەسىر قوزغىغان ئىشلارنىڭ بىرسى بولغان، يېقىندا BBC قاتارلىق تاراتقۇلار لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان ۋەھشىي خورلۇقلارنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە تېخىمۇ جىددىي قارىلىدىغان ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە سەل قارىيالمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەشەددىي زوراۋانلىقلىرى ۋە جىنايى قىلمىشلىرى ئاللىقاچان ئىنكار قىلغۇسىز پاكىت بولۇپ قالدى.»

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 50-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋردىن بېرى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. گەرچە خىتاي 80-يىللاردا ئۇيغۇر رايونىغا ئاز-تولا ئەركىنلىك بېرىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە ياشىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، 1991-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بۇ رايوننىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ رايوننىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى، يەرلىك خەلقنى باستۇرۇپ، ھەممە نەرسىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تاللىغان. بولۇپمۇ يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغان. تارىختا بەزى يەرلىك قەبىلىلەر مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن قانداق تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مەدەنىيەتلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولسا، ئۇيغۇرلارمۇ ھازىر خىتايلار تەرىپىدىن شۇنداق ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ يېقىندا جاكارلىغان «شىنجاڭ سىياسەتلىرى» خىتاينىڭ بۇ رايوندا مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن 90-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» شامىلى پەيدا قىلغانلىقى، «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» نى پۇرسەت بىلىپ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈپ پۈتۈن خىتايغا ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ھەم شۇ باھانىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ مىللەتنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى ۋە بۇنى سىستېمىلىق ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.