ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس كالىفورنىيە ئاممىۋىي پېنسىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇزسامغا مەكتۇپ يېزىپ، كالىفورنىيە ئاممىۋىي پېنسىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

جىم بانكس مەكتبىدا پېنسىيە فوندىنىڭ مەبلەغ ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ يۈبېن ۋە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىفورنىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پېنسىيە سىستېمىسى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي پېنسىيە فوندى بولۇپ، ئۇنىڭ 400 مىليارد دوللار مەبلىغى بار ئىكەن. خىتايدا تۇغۇلۇپ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن مېڭ يۈبېن ئىككى قېتم بۇ ۋەزىپىگە قويۇلغان. 1‏-قېتىم 2008‏-يىلى، 2‏-قېتىم 2019‏-يىلى 1‏-ئايدا مەزكۈر فوندنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن. 

جىم بانكسنىڭ فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، مېڭ يۈبېن مەزكۇر پېنسىيە فوندىنىڭ 3 مىليارد 100 مىليون دوللار مەبلىغىنى 172 ئوخشىمىغان خىتاي شىركىتىگە سالغان. جىم بانكس كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋېن نيۇزسامغا يازغان مەكتۇبىدا بۇ خىتاي شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خەيكاڭ شىركىتىگە ئوخشاش بەزى كارخانىلارنىڭ تېخنولوگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

جىم بانكس مېڭ يۈبېننىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر مەن بولسام، مېڭ يۈبېننى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولاتتىم. . . ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنداقلا كالىفورنىيە ئاممىۋى پېنسىيە فوندىنىڭ 2008‏-يىلى ئۇ ۋەزىپىگە قويۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ئەتراپلىق تەكشۈرۈلىشى كېرەك ئىدى،» دېگەن. لېكىن ئامېرىكادىكى «ھېلل» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كالىفورنىيە ئاممىۋىي پېنسىيە فوندىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارسىيە فروست بايانات ئېلان قىلىپ، مېڭ يۈبېننىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت