ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قايتا تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-18
Share

18-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قايتا تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى ئالدىنقى ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان تەقدىردە ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق ھەرقانداق كىشىگە جازا تەدبىرى قوللىنىش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن. شۇنداقلا خىتايدىن مال تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شېركەتلىرىگە مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، مالىيە خاتىرىلىرىنى ئاشكارىلاشتەك تەلەپلەر قويۇلىدىكەن.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جىم ماكگوۋېرن بۇ قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادنى «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باستۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا شېركەتلىرى، خەلقئارالىق شېركەتلەر ۋە خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلار يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە ۋە دۆلىتىمىزگە داۋاملىق كىرىۋاتىدۇ. دۆلەت مەجلىسىمىز بۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىدى.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن قانۇن لايىھەسىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت