ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-24
Share

24-فېۋرال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قايتا تەكىتلىگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا بېرىلگەن بۇ باياتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلېنكىننىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. شۇنداقلا بىز ئۇ جىنايەتنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. روشەنكى، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› جىنايىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن 19-يانۋار خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن يېڭى تەيىنلەنگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. ئانتونى بلېنكىن يەنە 23-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان جىنايىتىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى «قەبىھلىك جىنايىتى» دەپ ئاتىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، 22-فېۋرال كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن جىنايىتىنى 0 گە قارشى 266 ئاۋاز بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە قويۇپ، خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئېنىقلىما بېرىش ۋە شۇ ئاساستا خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ۋە دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمگە قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاپ، ئۇنىڭ خەلقئارا تەسىرىنى توسۇشقا جان-جەھلى بىلەن ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزى ۋە مەزكۇر مىنىستىرلىك باياناتچىسىنىڭ يۇقىرىقى بايانى ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۇستەھكەم مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت