ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.26

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكانىڭ بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان 2021-يىللىق خام چوت يىلىدىكى مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئالاقىدار دوكلاتىدا بۇ يىل جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك خەۋپ ئاستىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىمۇ كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر پىلان يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىغا يوللانغان.

ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەزكۇر پىلانىدا، «خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە قىيىن-قىستاقلىرىدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىقلار ئىزچىل كۆپىيىپ، ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بارغانسېرى جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى» دېيىلگەن. پرېزىدېنت بايدېن بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكاغا مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى بىر مەمۇرى خام چوت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكاغا بۇ يىل 65 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى، بۇنىڭ 2022-يىلى 125 مىڭغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىدا قەيت قىلىنىشىچە، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇساپىرلار سانىنى كۆپەيتىش ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، دەپ قاراپ، خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىقلارغا ياردەم قىلىشنىڭ بارلىق يوللىرىنى ئويلاشماقتىكەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.