خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا قۇل ئىشچى قىلىپ يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىسپات ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان
2-مارت كۈنى خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا قۇل ئىشچى قىلىپ يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىسپات ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىدىغان زاۋۇتلاردىن يىراقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى مەسلىھەتچىسى ئادرىيان زېنز ئېلان قىلغان ۋە BBC خەۋەر قىلغان دوكلات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى ئاشكارىلانغان بۇ ئىسپاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن ياشلارنى تىزىملاپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇشقا زورلىغانلىقى كۆرسىتىلىگەن.»
باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالماش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق بىر ياقتىن خىتاي زاۋۇتلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنىلسە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە نوپۇسىنى ئازلىتىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئاللىقاچان لاگېر، تۈرمە، زاۋۇت، ئىش مەيدانى بىرلەشمە تورى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كىشىلەرنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشقا سالىدىكەن.
باياناتنىڭ ئاخرىدا، خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى خىتاينى قاتتىق ئەيبلىگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشكە، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان.