ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.17

16-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇداپىيە مىنىستىرى راندال شرايۋىر ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەت تىراگېدىيەسى تاشقىي دۇنياغا نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا،» دېدى.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ سۆز قىلغانلار ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدىن تېخى ھېچكىم بۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئىدى.

ئالاقىدار زاتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «راندال شرايۋىردەك بىر ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزنىڭ چىقىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.