روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم 9-ماي كۈنى «ئامېرىكادا بۈگۈن» ناملىق خەۋەر تورىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

روشەن خانىم ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ ۋە مول بايلىققا تولغان بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كۆزىگە قادالغان مىق بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. 

روشەن خانىم ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىدا نۆۋەتتە 3 مىليون ئەتراپىدا كىشى قامالغانلىقىنى قەيت قىلغان ۋە رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداقتۇر دىنى ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى ۋە ياكى باشقا دەپسەندىچىلىك بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. روشەن خانىم ماقالىسىدە «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەۋاتقان جىنايىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ئەمدى دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەمەس، ھالبۇكى ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى» دەپ كۆرسەتكەن. 

روشەن خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرماسلىققا ۋە «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ زۇلۇمدا رول ئېلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرغان ۋە پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ قىسقا مۇددەتلىك تىجارىي سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت