مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنسنىڭ «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.31

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ يېقىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى س ن ب س CNBC قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن خەۋەردار ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ 6‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا سۆزلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. س ن ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىدلەيدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققانلىقى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلغان بەزى شىركەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە قاتناشقان خەيكاڭ شىركىتى قاتارلىق 5 خىتاي كارخانىسىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

CNBC نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو قارارىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ياكى بۇنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مايك پەنسنىڭ سۆزى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. مايك پەنس تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا «ۋەستپوئىنت ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بەزىلىرىڭلار ئافغانىستان ياكى ئىراقتا رادىكال ئىسلام تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىسىلەر، بەزىلىرىڭلار شىمالىي كورېيە تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىزنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئۇرۇشقا قاتنىشىسىلەر» دېگەن.

نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.