ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان دىنىي ۋە ئېتنىك تەركىبى سەۋەبلىك دەپسەندە قىلىنماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.21

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21‏-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دوكلاتتا، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا ماكاۋ (ئاۋمېن)، خوڭكوڭ، تىبەت قاتارىدا ئايرىم ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا ئايرىم ئورۇن بېرىلىشىدە مەزكۇر رايوندىكى دىنىي ئەركىنلىك ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقى كۆزدە تۇتۇلغانىكەن. دوكلاتتا، «ھەر خىل تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن بېرى دىنىي ۋە ئېتنىك تەركىبى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردا ئىز-دېرەكسىز يوقىتىشقا، قىيىن-قىستاققا، جىسمانىي خورلاشقا، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بارلىقى، دائىرىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە زىيانلىق بىخەتەرلىك ۋە تەقىبلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرماقتا ۋە ئىجرا قىلماقتا» ئىكەن. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 21‏-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەپسۇسكى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆز كەچمىشىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى يوق. شۇڭا بىز شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ دوكلاتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا شىنجاڭغا ئالاھىدە ئورۇن ئايرىدۇق. شۇ ئارقىلىق بۇ دەپسەندىچىلىككە سۈكۈت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدۇق» دېگەن. 

بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىشىدۇر. ئۇنىڭ 20-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا ئېغىر ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.