ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى قاتتىق تەنقىدلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە بىر قىسقا ۋىدىيو تارقاتتى.

مەزكۇر ۋىدىيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» نى ئېلان قىلغان كۈندە تارقىتىلدى. ۋىدىيودا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر 14 كىشىدىن بىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئائىلە ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ۋىدىيودا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت سان-ساناقسىز مەسجىت ۋە مازارلىقلارنى ھەم شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن دىنىي ئورۇنلارنى ۋەيران قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئۆچۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ۋىدىيودا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دىنغا ئىشىنىش، دىنى يوسۇندا كىيىنىش ۋە ھەتتا ئانا تىلىڭىزدا سۆزلەشمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلماقتا. خىتايغا شۇنداق دەڭلاركى، ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ مىللىي، مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكى يوقىتىلماسلىقى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ھېسابىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملىرى ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى زۇلۇمغا شېرىك بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپكە ئىتتىرىدۇ. شىركەتلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە تاقىشىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن خەتەرگە سۆرەيدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭغا شېرىك بولماسلىقى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت