ئامېرىكىدىكى «تەرەققىيات فوندى» تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۈگۈن «ئامېرىكا تەرەققىيات فوندى» نىڭ خەۋەر تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ ئۇلارنى لاگېرلارغا سولىماقتا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان «شىنجاڭ» دا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھازىرقى دەۋردە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بىر زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدە نۆۋەتتە بۇ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ خىتايدا «تەربىيەلەش-ئۆزگەرتىش مەركىزى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىۋاتقانلىقى، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مىليوندىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارەت قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلارنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقانلىقىدەك پاكىتلارنى نەزەردە تۇتقاندا ھازىر بۇ لاگېرلاردىكىلەرنىڭ بىر يېرىم مىليون ۋە ھەتتا ئىككى مىليون كىشى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ماقالىدە يۇقىرىدىكى بۇ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىن جەھەتتىن چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بۇ لاگېرلار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىمۇ ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقى، چۈنكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاز دېگەندە بىردىن تۇغقىنىنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئاقىۋىتى ئېنىقسىز تۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. 

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئادريان زېنز، رايان تام قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ رېجىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.