جوناسان شانزېر: «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسىنى جازالىشىمىز لازىم؟»
2019.07.09
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە چۈشكەندىن بۇيان خىتاي تەرەپنى جازالاش ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان جوناسان شانزېرنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.
ئاپتور نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇ سەۋەبتىن قانداق يۆنىلىشكە مېڭىشتىن قەتئىينەزەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىغا قارىتا ئامېرىكا قەتئىي مۇرەسسەگە كەلمەسلىكى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تەنقىد تېمىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى «تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋام ئەتتۈرۈشى سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەدنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندىكى زالىملىق قىلمىشى بولۇپ قالماقتىكەن. گەرچە بۇ ئىشلارغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى سادالىرى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدا ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئامىللارنى ئويلاشقان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىنى جازالاش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇنى بېيجىڭغا خىرىس پەيدا قىلماي تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىكەن. چۈنكى چېن چۈەنگونى «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنىڭ بارلىق شەرتلىرى ھازىر تولۇق ھازىرلىنىپ بولدى، دېيىشكە بولىدىكەن.
جوناسان مۇشۇ قاتاردا ئون مىڭلىغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇش، مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش، بۇ مەھبۇسلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن قىيناش، سەبىي گۆدەكلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلارغا چېن چۈەنگونى جاۋابكار، دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنى شىمالىي كورېيە ۋە ئىراندىكى مۇستەبىتلەرنى جازالاش بىلەن بىر قاتاردا جازالاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، جوناسان شانزېر ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقىدا تېررورلۇق مالىيىسى ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە «دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش فوندى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتىمەكتىكەن.









