ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئورتاگۇس: «بىز پۈتۈن دۇنيانى ئامېرىكا بىلەن بىرگە شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى ئەيىبلەشكە چائىرىقىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.10

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس 9-ئىيۇل ۋىدىيودا بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. ئورتاگۇس خانىم باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ «يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاياللارغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، زورلاش خاراكتېرلىك بالا چۈشۈرۈش ۋە نوپۇس كونترولى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چۆچىتەرلىك دوكلات تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دوكلاتتا رەسمىي ھۆججەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تىزىملىكى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئورتاگۇس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارغا قارىتا ناھەق تۇتقۇن قىلىش، سىياسىي مېڭە يۇيۇش، تەن جازاسى، تەقىپلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، دىنىي ۋە مەدىنىيەت ئىپادىلىرىنى باستۇرۇش ھەم باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئېلىپ باردى».

ئۇ، ئامېرىكانىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكنى تەنقىد قىلىش بىلەنلا قالمىغانلىقى، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللانغانلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مال تەمىنات زەنجىرىنى پاكىز تۇتۇشقا چاقىرغانلىقى، بۇنىڭغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق ھەركىتىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى توسۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز پۈتۈن دۇنيانى ئامېرىكاغا قېتىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشكە، تۈپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.