ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 خىتاي ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويۇشى خەلقارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 9-ئىيۇل كۈنى چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويۇشى خەلقارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

BBC نىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، دىنىي باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش بىلەن ئەيىبلەڭەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان چېن چۈەنگونىڭ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ئىمبارگو قويھان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا ئاز سانلىق توپلۇقلارنى تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىشقا ئىشتىراك قىلغانلىقى سەۋەبلىك قارشى ھەرىكەت قوللانغانلىقى» تەكىتلەڭەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، «يۇقىرى دەرىجىلىك (خىتاي) ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش قارارى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، كىشىلىك ھوقۇق، خوڭكوڭ ۋە سودا مەسىلىلىرىدىكى مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە ئالغان بىر قاتار جىددىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى،» ئىكەن

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ قارارنىڭ «شىنجاڭدا يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان ئېتنىك مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان سىياسەتنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلارنى نىشان قىلغانلىقى» تەكىتلەڭەن. «ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ بۇ قارارنىڭ «خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېچىككەنلىكى» ۋە «تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەنلىكى تەكتىلەڭەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشىلار مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل چېن چۈەنگو، ۋاڭ مىڭشەن، جۇ خەيلۇن ۋە خو ليۇجۈن قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت