روبېرت ئوبرايىن: «ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكىتى سەۋەبلىك داۋاملىق جازالايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.13

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن 12-ئىيۇل «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكىتى سەۋەبلىك داۋاملىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت ئوبرايىن ماقالىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ھەرىكىتى بۇ دەپسەندىچىلىككە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قانۇنسىز ئىمپورت قىلىنىشىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلغانلىقى، «بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى داۋاملاشسىلا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

روبېرت ئوبرايىننىڭ تەكتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پەلسەپەسىدە شەخسنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىدە «شەخس پەقەت كوللېكتىپ مىللىي دۆلەتنىڭ مەقسىتىگە يېتىشتىكى قورالى» ئىكەن. ئۇ «بۇ پەلسەپە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق باستۇرۇشىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

روبېرت ئوبرايىن ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسى مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپلا قالماي، شىنجاڭنى ساقچى دولىتىگە ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق تەقىپلىگەنلىگەنلىكى، DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، ئائىلىلىرىگە خىتاي كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلارنى يىتىمخانىلارغا يۆتكىگەنلىكى، مەسچىدلەرنى چېقىپ، «قۇرئان» نى قايتا شەرھىلەشكە كىرىشكەنلىكىنى تەكىتكىگەن. ئۇ يەنە يېقىنقى دوكلاتلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغۇت كونترولى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈرۈش، باسقۇنچىلىق ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇپۇسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «ئەگەر ئۆتكەن ئەسىر بىزگە بىر نەرسە كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ كۈچلۈك دۆلەتلەر قوللىغان خەتەرلىك ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆز چۆرىسى ئىچىدە چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا ۋە بىزگە شىنجاڭدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.