ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قاراردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا دۇنيادا ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بىر قارار ماقۇللاندى.

مەزكۇر قارارنامە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئادام شىف تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ۋە بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

قارارنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە سېلىۋاتقان زىيىنىغا ئائىت قىسمىدا، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئۆز چېگرالىرىدىن ھالقىپ، چەتئەللەردىكى ئاخباراتنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەۋەر قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە ھەتتا تۈرمىگە سولاشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

قاراردا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ خىل ۋەقەلەرگە قارىتا ئوچۇق ۋە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» گە ئوخشاش پۇرسەتلەردە تەكىتلىشى، بارلىق تەھدىتلەرگە قارىماي خىزمەت قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەكلىكى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ب د نىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشى كېرەكلىكىدەك ماددىلار ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىدىكى بۇ قارار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتكە قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، ساغلام دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى بولغان ئەركىن ئاخباراتچىلىقنى پائال تەشەببۇس قىلىش ۋە قوللاشنى، ئەركىن ئاخباراتچىلىقنى ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر قارارنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بولغان ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئادام شىف يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «2020-يىللىق ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغانىدى. ئۇ لايىھەنىڭ 5-باب 2-ماددىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ۋە لاگېر تۈزۈمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت