ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى مىتچ ماككونېل ئۇيغۇر ئېلىنى «گۇلاگ» قا ئوخشاتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا سىياسەت سەھنىسىدىكى مۇھىم غوللۇق شەخسلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى مىتچ ماككونېل دۇنيانىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سېناتور مىتچ ماككونېل ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» دا «بىز خوڭكوڭ بىلەن بىر سەپتە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ئاخىرى بېرىپ خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار ھازىر قىلىۋاتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىشتەك ئاقىۋەت بىلەن يۈزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىشنى، ئاپتونومىيەسىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ كومپارتىيە تەشۋىقاتىدا ئېيتىلغاندەك چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىرلىشىپ قىلغان سۇيىقەست ئەمەسلىكىنى، يۈز بېرىۋاتقان نامايىشلارنىڭ بىردىن-بىر جاۋابكارىنىڭ دەل بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

سېناتور مىتچ ماككونېل ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەق تارىخىغا نامدا ئاپتونومىيە دەپ ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئەسەرمۇ بولمىغان ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە تىبەتنى مىسال كەلتۈرگەن.

مىتچ ماككونېل ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «مۇسۇلمان خەلقلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنى يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئۇلارنى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغان شۇنداقلا يەنە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى يولغا قويغان. شىنجاڭ بىر ئاپتونوم رايون ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر زامانىۋى ‹گۇلاگ› دۇر.»

سېناتور مىتچ ماككونېل ماقالىسىدە مەيلى تىبەت بولسۇن مەيلى ئۇيغۇر ئېلى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى سىستېمىلىق ھالدا بېسىم سىياسىتىنى چىڭىتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە دۇنيا خىتاينىڭ زومىگەرلەرچە سىياسىي ۋە تىجارىي پائالىيەتلىرىنى تونۇپ يېتىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنىڭغا يالغۇز ئامېرىكانىڭ تاقابىل تۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە «تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، خۇسۇسىي ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان ھەربىر دېموكراتىك دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى بار، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بارمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئادىل بولغان خەلقئارالىق سىستېما بىلەن خىتاي ئورناتماقچى بولۇۋاتقان ئىچكى بېسىم، نازارەت ۋە بېقىندىچىلىق تۈزۈمى ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بارىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەگەردە خىتاي خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى باستۇرغان تەقدىردە خىتاينىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قالىدىغانلىقىنى ئېنىق ۋە كەسكىن قىلىپ ئىپادە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى، سېناتور مىتچ ماككونېل ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پلوسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ ئادالەت سىستېمىسىغا سېلىۋاتقان تەھدىتى ئۈستىدە توختالغان يەنە بىر نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت