ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: «خىتاي ھازىر شىنجاڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئاۋغۇستتا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلارنى ئۆز پايدىسىغا بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەقسەدكە يېتىش ئۈچۈن «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى»، چەت ئەل ئاخباراتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دېگەنلەردىن پايدىلانغان ھالدا، ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى «ئىجابىي» ئۇچۇرلارنى تور بوشلۇقىغا تۆكمە قىلىپ، جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي شەرھىيلەنگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇلار ئارقا تېرەك بولۇۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەر «ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلەنگەن تىرىشچانلىق» ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان ھۆكۈمنى يالغانغا چىقىرىش ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭدا ئۇلار ھۆكۈمەت كادىرلىرى نامىدىن 200 نەچچە دۆلەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى ئاچقان ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ 38 خىل تىلدا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ياشلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «بەختىيار ھايات» توغرىسىدا «مەلۇماتلىق» قىلغان. تەقلىدىي ئەقىل ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان سۈرەتلەر بولسا ئۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ «ئىناق ۋە ئىتتىپاق» ياشاۋاتقانلىقىنى «نامايەن» قىلغان.

ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ھېمايە قىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى بىر قاتار ۋىديو ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش بىلەنلا قالماسىتىن، يەنە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون خىتاي پۇقراسىنى ھەمدە 20 مىليون «ۋاقىتلىق تور ياردەمچىلىرى» نى ياللاپ، خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلارنى ھەمدە چەت ئەللەردىكى خىتايچە سۆزلىشىدىغان جامائەتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ پاراۋان تۇرمۇشى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇنىڭدا خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن مەركىزىي تور بوشلۇقى كومىتېتى «قوماندان» لىق رولىنى ئوينىغان. خىتاينىڭ «چىلبۆرە دىپلوماتلىرى» بولسا غەرب دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى «قەتئىي ئىنكار قىلىش» ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرگە «كەسكىن رەددىيە بېرىش» نى باش ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلغان. تېخىمۇ قەبىھ بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمى ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان تەنقىدچىلەرگە تەھدىت سېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋەھىمە سالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل غايەت زور كۆلەملىك «دۇنياۋىي جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش» ئۇرۇنۇشلىرى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى مۇستەقىل بايانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يالغانغا چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاش رولىنى ئوينىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.