جېننىفېر برايسون: «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جېننىفېر برايسون ئامېرىكىدىكى «ۋايتېرسپۇن ئىنستىتۇتى» نىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى، ئۇنىڭ بۇ كرىزىسقا سەل قارىشى ئىنسانلارنىڭ ئىزتىراپ چېكىشىنى ۋە ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

جېننىفېر برايسون «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقى كرىزىسقا دىققەت قىلىشىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى سەۋەبى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقى كرىزىس بىر ئىنسانپەرۋەرلىك تراگېدىيەسى ئىكەن. ئىككىنچىسى، بۇ كرىزىس ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل مەنپەئەتىگە چېتىلىدىكەن. ئۇ، «رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يەردە بۇ توقۇنۇشنىڭ يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك «زوراۋان ئىسلامى ئاشقۇنلۇق» نى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جېننىفېر برايسون 2004-2006‏-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگېرىدا سوراقچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن گۇئانتانامودا تونۇشقانلىقى، گۇئانتانامودا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق بىر «تېررورلۇق تەشكىلاتى» نىڭ بارلىقىنى شۇ يەردە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بەزى ئۇيغۇرلار بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئارىلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى»، دەپ قارىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇنى «شىنجاڭدا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ رۇخسىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتلەردە بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىغا پۇل ئاجرىتىپ، ئۇيغۇرلارغا، خۇسۇسىي ۋەقپلەرگە ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا دىنغا مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىش، تارىخچىلار ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىشى، ئىجابىي يول كۆرسىتى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلىگە پىكىر قاتناشتۇرۇشى قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت