ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت قانۇنى» نى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-24
Share

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 23-سېنتەبىر بىلەت تاشلاپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان «2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. مەزكۇر خام چوت قانۇن لايىھەسى 23-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا قاتتىق مۇنازىرە قىلىنىپ، 316 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 113 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا ماقۇللانغان. قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق ھەربىي خام چوتى 778 مىليارد دوللارغا چىقىرىلغان.

قانۇن لايىھەسىگە جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل مىكائۇل تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىش، خىتايدەك ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەخسى مەخپىيەتلىك مەلۇماتى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىككى ماددا كىرگۈزۈلگەنىدى. 23-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىشتە بۇ ماددىلارنىڭ ھەر ئ‍ىككىلىسى بىردەك قوبۇل قىلىنغان.

مايكېل مىكائۇلنىڭ 23-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىش ماددىسىنىڭ خام چوت قانۇن لايىھەسىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ، «ھازىر، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ۋەھشىلىكلەرنى قىلماقتا. ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەن سۇنغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماددىسىنى قوللىغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم. ئاخىرى، بۇ قەبىھ خورلۇق ئەينەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتالدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت