ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مەكتەپداشلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.27

ئامېرىكادىكى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ماقالە ئېلان قىلىپ، مەكتەپداشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلەرگە قارشى ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئىيان مايكل گرىففن ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مەكتەپ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، دۇنيا ۋە ئامېرىكىدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر ئىنسانىي جىنايەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارغا ناتونۇش ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى، يەنى خىتايدىكى مۇسۇلمان مىللەتنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نىشانلاپ، سەۋەبسىزلا جازا لاگېرلىرىغا قامىدى.»

ئۇ، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت ئۈچۈن ھەر زامان ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەنلىكنى، شۇڭا بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرى باشقا ئادالەتسىزلىكلەرگە نەپرەت بىلدۈرگەندەكلا، بۇ ئادالەتسىزلىكلەرگىمۇ غەزەپلەنگەن بولسىڭىز سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ.»

ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرۇلۇق سوئال سوراشقا، ئىمزا توپلاشقا، نامايىشلارنى تەشكىللەشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.