راندال شىرايۋېر: «ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، دەپ قارايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.18

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، 15-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «جەيمىس توۋن فوندى» نىڭ يىللىق خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «خەۋپسىزلىك مەسىلىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلىدى: «ئالدى بىلەن بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى بىزگە يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە رادىكال بولمىغان بىر خەلقنىڭ ھەقىقەتەن رادىكاللىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ. گەرچە 2002-يىلى بىز ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› دەيدىغان تەشكىلاتنى رادىكال تەشكىلات، دەپ بېكىتكەن بولساقمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق بىر تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەس. بىلگىنىڭىزدەك، قالغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ھەرقانداق بىر كىشىنى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ئەزاسى، دەپ قارىلايدۇ».

راندال شىرايۋېل سۆزىدە، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي يولغا قويۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق خەۋپىگە جىددىي ئاساس يارىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تورلىرىنىڭ خىتاي چېگرالىرى سىرتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى «خەۋپسىزلىك مەسىلىسى» دەپ قاراشتىكى يەنە بىر سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە باشقا بېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئىدىيە ئورتاقلىقىغا ئىگە رېجىملارغا ئېكسپورت قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بۇنىڭ ئاللىقاچان ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار كەلگۈسى بىر كۈنلەردە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەت يارىتىدۇ» دېدى. 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھالدا تەكىتلەپ تۇرىمىز» دېدى. 

راندال شرايۋېر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دەپ ئاتاپ، لاگېرلاردىكى تۇتقۇن سانىنى 3 مىليون ئەتراپىدا دەپ كۆرسەتكەن تۇنجى مۇداپىئە ئەمەلدارى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.