كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارك ۋارنېر: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى مارك ۋارنېر ئامېرىكادىكى بىر يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيىتىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكادىكى «ج كوچىسى» ناملىق يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ 28‏-ئۆكتەبىر باشلانغان دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەپتىلىك پائالىيىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئېيتقان. بۇ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېڭى ئىدارە ھەيئەتلىرىنىڭ بۇ سالاھىيەت بىلەن دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشىدۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەشكىلات رەئىسى قۇززات ئالتاي، ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئىنتىزار قاتارلىقلار قاتناشقان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھەيئەتلەر 4 مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ قانداق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەن.

ھەيئەتلەر پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئامېرىكا ۋىرجىنىيا شتاتىنىڭ دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېنىففېر ۋاكىستون، دېلاۋېر شتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىسا برۇنت روچېستېر خانىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا قاچان ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ كۆرۈشۈشتە، دېلاۋېر شتاتىدىن كەلگەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى لىسا برۇنت روچېستېر خانىمغا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. لىسا برۇنت روچېستېر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

بۇ پائالىيەت «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 30‏-ئۆكتەبىر ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، كومىتېتنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشنىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت