ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.11.03

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىس سىمىس بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىن تارقىتىلغان باياناتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نىڭ ئامېرىكادىكى ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان تاموژنا تىجارىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى (COAC) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.

بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس دەرھال بۇ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىگە يازما بايانات ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەشەببۇستىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر لايىھە چوقۇم دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدىكەن. شۇڭا يۇقىرىدىكى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى باياناتىدا بۇ نوقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«بەختكە يارىشا، سىلەر تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۆزگەرتىشلەرنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىسىز يولغا قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى دۆلەت مەجلىسىدە بۇنداق بىر ئۆزگىرىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدە لوبىيچىلىق قىلىدىغان بولسا، بىز ئۇلارغا كۈچلۈك يوسۇندا قارشى تۇرىمىز. سىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئالماسلىقىغا ۋە ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلارنى سورايمىز.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالارنىڭ زور قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، 2021-يىلى 12-ئايدا پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەندىن سىرت، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ توسۇپ قېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.