ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى: «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىز داۋام قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-05
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىلىرىنىڭ داۋام قىلىاتقانلىقى، بىراق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا بىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نېد پرايسنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدە بىر يېڭىلىق يوق ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 4-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا قارىتا ئېيتقان.

يېقىندا رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن «20 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلار يىغىنىنىڭ خىتاپنامىسىدە، «20 دۆلەت گۇرۇھى» رەھبەرلىرىنىڭ «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ۋە مىيىپلار ئولىمپىكىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭ رىقابەت پۇرسىتى، ئىنسان جاسارىتىنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە كۈتىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ كىشىلەردە ئامېرىكا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلماسلىقنى قاراق قىلدىمۇ-قانداق، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان ئىدى.

نېد پرايس مۇخبىرنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلمامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «قاراڭ، مەندە سىز كۆرسەتكەن ‹20 دۆلەت گۇرۇھى› نىڭ خىتاپنامىسىدىن ھالقىپ ئېيتقۇدەك بىر نەرسە يوق. ئامېرىكانىڭ مەيدانىدا ھېچقانداق بىر يېڭىلىق بولمىدى. بىراق مېنىڭ دەيدىغىنىم ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك بولغان نەرسە، بىزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىمىز داۋام قىلماقتا،» دېگەن.

نېد پرايس بۇ سۆزلەرنى بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھۆكۈمەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر ۋاقىىتتا قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت