ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-10
Share

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ «ئامېرىكا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرىقى چاقىرىقنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىدا مۇنداق دېگەن:

«بىز ‹ئامېرىكا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى› نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايس يەنە «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتنى ھەمبەھىرلىگەن.

مەزكۇر ئورگان 9-نويابىر كۈنى «بىزنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقچى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ماۋزۇلۇق مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار دوكلاتىدا توپلانغان پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىن ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نائومى كىكولېر ئاخبارات يىغىنىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇندى، بۈگۈن بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت