ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانمايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قارا چاپلاشتا ئەيىبلىگەن ھەمدە لاگېردىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا بۇنىڭغا بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەندەك بىر قاتار تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلغان. ئەمما ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلار شۇنچە كۆپ ئىسپاتلار ھازىر بولغان ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ بۇ سۆزلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇملىرىدىن بىزمۇ ئەندىشىگە چۈشمەكتىمىز» دېگەن. يەنە بىر خادىم بولسا «بۇ ئەھۋالدا ھۆكۈمىتىمىز مۇۋاپىق بولغان باشقىچە ھەرىكەتلەرنىمۇ ئويلىشىدۇ،» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە ئۈچ يىلدىن بۇيان ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى» دېگەن سۆزلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى تەنقىدلەپ «ئۇيغۇرلارنى قامىۋېلىپ ‹ۋەقە چىقمىدى› دەپ ماختىنىش ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت