ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى توختىتىش قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-21
Share

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن بىرى ئىچكى ئەزا ئامبىرى قۇرۇپ بىباھا قىممەتتىكى ئىنسان ئورگانلىرىنى توپلاش ۋە ئۇلاردىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىش بولۇپ، نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ۋە يېقىنقى يىللاردا لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك تۇرۇپ سۇغۇرىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيبلىنىپ كېلىۋاتقانىدى.

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتىن(Tom Cotton)، كېڭەش پالاتا ئەزلىرىدىن كرىس سىمىت(Chris Smith)، تام سوزى (Tom Suozzi) قاتارلىقلار بىرلىكتە خىتاينىڭ تىرىك مەھبۇسلاردىن ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن «ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» نى ئېلان قىلغان.

تام كاتىننىڭ تور بېتىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «كۆپلىگەن ئىسپاتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەھبۇسلار ۋە ئېتىقادچى كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ قانۇن لايىھەسى شۇ جىنايەتكە قاتناشقان خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنى ئېنىقلاپ بېكىتىش ۋە ئۇلارنى جازالاشقا قارىتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قورقۇنچلۇق جىنايەتكە ھېساب بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى».

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس سىمت مۇنداق دېگەن: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسى مەھبۇسلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ يەپ كەلدى. بۈگۈن ئۇلار يەنىلا ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئىچكى ئەزا سودىسى قىلىدىغان چوڭ تەشكىلاتتۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ ۋەھشىي قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇ قانۇن لايىھەمىزگە ئاساسەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «سىياسىي جىنايەتچىلەر» ۋە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى قۇربان قىلىپ ئىچكى ئورگان توپلىغۇچىلار ۋە ئورگان ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ، پاش قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى شۇ خىل قەبىھ قىلمىشنى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلاشقا، بۇنىڭغا چېتىشلىق جىنايەت گورۇھلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ سېسىق نامىنى تونۇتۇشقا ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتكە خاتىمە بېرىشكە پايدىلىقتۇر».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت