كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلار خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-17
Share

«فوكس سودا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 16-مارت ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادا ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن چىققان ئەڭ يېڭى نەتىجە شۇنى كۆرسەتكەنكى، كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلار خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن قارايدىكەن. چۈنكى خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى غايەت زور دەرىجىدە يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، 45 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىكەن. بۇ ئۆتكەن يىل شۇنداق دەپ قارىغان 22 پىرسەنت ئامېرىكالىقنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ئامېرىكادا 500 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە دۈشمەنلىكى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن.

كورونا ۋىرۇسىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن پايدىلىنىشنىلا كۆزلىگەن تاشقى سودىسى، ئۇيغۇرلارنى قەبھى ئۇسۇلدا باستۇرۇشى، خوڭ كوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيەسىنى يوق قىلىشى ۋە رايونلار ئارا ئېلىپ بارغان زومىگەرلىك سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان تاشقى سىياسىتىدە خەلق رايىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن «ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىردە يۈزلىنىدىغان ئەڭ چوڭ گىئو-سىياسىي سىنىقى خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش؛ خىتاي ھازىر ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي كۈچ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن كۈچلەنگەن، بىز ئۈمىد قىلغان دۇنياۋى تەرتىپ ۋە قىممەت قاراشقا ئېغىر تەھدىت كېلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت» دەپ ئېيتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەھدىتىنى تۈگىتىپ دۇنياۋى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت