ئامېرىكا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بىر خىتاينى سوتقا تارتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.01

ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى شتاتىدىكى بىر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر خىتاينى خىتايغا ئامېرىكا يادرو تېخنىكىسىنى قانۇنسىز توشىغان، دەپ ئەيىبلەپ 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خې زېشيوڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي تەيۋەندە تۇغۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن. ئۇ، بۇ يىل 1‏-ئايدا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى يەنە بۇ يىل 66 ياشلىق خې زېشيوڭنى قاماق جازاسىدىن كېيىن بىر يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشاشقا ۋە 20 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دانا بوئېنتى باياناتىدا، «بۈگۈن، خې زېشيوڭ بىر ئامېرىكا يادرو مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي يادرو ئېلېكتر شىركىتىنىڭ ئالاھىدە يادرو ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىشىدەك قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىلدى» دېگەن.

ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خې زېشيوڭ 1997‏-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىلىق قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرىنى ئىشقا ئېلىش قاتارلىق يوللار بىلەن خىتاينىڭ ئىلغار تىپلىق يادرو رېئاكتور قازانلىرىنى لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلغان.

ئۇ، 2016‏-يىلى 4‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قۇرغان جوڭگۇاڭ ئېلېكتر گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن تەڭ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.