ئامېرىكىدىن قول سومكىسىدا تاشپاقا ئېلىپ ماڭغان خىتاي ئايروپىلان خادىملىرى جازاغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.07.24

بۇ يىل 5 ‏-ئايدا ئامېرىكىدىن قول سومكىسى بىلەن 14 قۇتىدا 31 تاشپاقىنى خىتايغا ئېلىپ ماڭغاندا ئايرودرومدا تۇتۇلۇپ قالغان ئىككى نەپەر خىتاي ئايروپىلان خىزمەتچىسى بۈگۈن لوس ئانجېلىستا سوتقا تارتىلغان ۋە ئەتكەسچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ھەربىرىگە 5500 دوللاردىن جەرىمانە قويۇلغان ھەم جەرىمانىنى 72 سائەت ئىچىدە تۆلەپ چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشپاقىسىنىڭ ئاسىيادا بازىرى ئىتتىك بولۇپ، خىتاينىڭ شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مەزكۇر ئىككى خادىمى خىتايدا 40 مىڭ دوللارغا يارايدىغان 31 تاشپاقىنى قول سومكىسىدا ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا، تەكشۈرۈش خادىملىرى سومكىدىكى ھەرىكەت ئىشارەتلىرىنى بايقاپ قالغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى ئايروپىلان خادىمىغا بۈگۈنكى سوتتا ئەيىبلىگۈچى 10 ئايلىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلغان، ئەمما سوتچى بۇ قىلمىشنىڭ زوراۋانلىق تۈسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جازانى يېتەرلىك دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.