دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى يۈزلىنىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى «قوش تىل مائارىپى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما كېيىنكى ئىككى يىلدىن بېرى بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.

باياناتتا بۇنىڭغا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى مەكتەپلەردە مەيلى دەرسخانا، مەيلى مەكتەپ قورۇسىدا بولسۇن ئۇيغۇر تىلىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغان يۇقىرىقى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاخىرى بېرىپ لاگېر تۈزۈمىگىچە كېڭەيگەنلىكى، لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئانا تىلىغا قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇلار باياناتتا «ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا قارشى بىر تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بۇ باياناتتا خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش جەھەتتە پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجرائاتلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىلغان.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1952-يىلى شەرقىي پاكىستان دەپ ئاتالغان باڭلادىشتا ئانا تىل ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت باڭلادىشنىڭ مۇستەقىللىقىغا تۈرتكە بولغان؛ 1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر ھەرىكەتنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ھەققى بارلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن 21-فېۋرال كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.