مۇھاپىزەتچى گېزىتى: «خىتاي ياۋرۇپا پۇقرالىرىغا نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر گېزىت 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، جىمىقتۇرۇشقا، ئۇلارنى پائالىيەتلىرىدىن توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. 

بۇ ھەقتە 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ۋە گېرمانىيە پۇقراسى ئابدۇجېلىل ئەمەتنىڭ ھېكايىسى مىسال قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەسلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن بولغان ئابدۇجېلىل ئەمەت گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 3 يىلدىن بېرى بىر قېتىممۇ ئالاقە قىلالمىغان سىڭلىسىدىن بىر تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. سىڭلىىسى سۆزىنى ئاۋال كومپارتىيەنى ماختاش بىلەن باشلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن تېلىفوننى ئالغان خىتاي ساقچى خادىمى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «سەن بۇ يەردىكى تۇغقانلىرىڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىڭنى توختىتىشىڭ كېرەك» دېگەن. 

مۇھاپىزەتچى گېزىتى بۇ ھەقتە يەنە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاش بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتا بائۇس بۇ ھەقتە يۇقىرىدىكى گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۈندىگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ چوقۇم گېرمانىيە جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ «خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى پۇقرالارغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۇنى قورقۇتۇشى ھەرگىزمۇ نورماللاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت