خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش «ئاننا پولىتكوۋسكايا خاتىرە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.20


2015-يىلى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنىڭ بىرى گۈيمىڭخەي «ئاننا پولىتكوۋسكايا خاتىرە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

گۈي مىڭخەي ۋە باشقا 4 نەپەر كىتابپۇرۇش خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان كىتابلارنى نەشر قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ۋە جىمجىتلا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ قالغانلىرى كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما گۈي مىڭخەي ھېلىھەم تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيە ئاخبارات ئورگىنى گۈي مىڭخەينىڭ ئۆزىگە كېلىدىغان خەتەرگە قارىماي، خىتاينىڭ تۈزۈمىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشتەك جاسارىتى ئۈچۈن ئۇنى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئاننا پولىتكوۋسكايا خاتىرە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرگەن.

مەزكۇر مۇكاپات رۇسىيەدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن ژۇرنالىست ئاننا پولىتكوۋسكايانى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ۋە يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان نوپۇزلۇق مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.