خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دائىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 12-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان.

خىتايدا چىقىدىغان «شىنخۇا» ۋە «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنى بار كۈچى بىلەن قوللاپ، مەكتەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئىزچىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ، 26 ھۆججەتكە ئىمزا قويغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارادىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن قويۇق بىر مۇناسىۋەت سىستېمىسىنى ئورناتقانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغانچىلىققا تولغان بىر مەنزىرە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت