ئاقساراي: «بىز خىتاي بىلەن ئىقتىساد ئۇرۇشى قىلىۋاتىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.22

ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەللەردىكى سودا ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىدە چوڭ بىر چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىغان ئامېرىكا سودىگەرلىرى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مۇئامىلىسىدە زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. «سىياسەت» گېزىتىنىڭ 20-فېۋرالدىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىىشىچە، ئاقساراي نۆۋەتتە «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىساد ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى» دەپ قارىماقتا.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلەرنى مەنئى قىلىش مەسىلىسىنى جىددىي ئويلاشماقتىكەن. ئاقساراي بولسا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مەبلەغ ئارقىلىق خىتايدا ئىش باشلىماقچى بولۇۋاتقان تېخىكا شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش، نۆۋەتتىكى «قارا تىزىملىك» نى خىتاي ھەربىي سىستېمىسى بىلەن ئالاقىسى بولغان بارلىق شىركەتلەرگە كېڭەيتىش توغرىسىدا بىر ئىجرائىيەت بۇيرۇقى چىقىرىش ئالدىدا ئىكەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى تۈر رەسمىي ئىجرا قىلىشقا ئۆتكەندە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئىقتىساد ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بوب كېيسىي (Bob Casey) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز ھازىر ئىقتىساد ئۇرۇشى باسقۇچىغا ئۆتتۇق. مېنىڭچە بىز ئەمدى بۇنىڭدىن 15-20 يىل ئىلگىرى ھېچقانداق ۋايىم يېمىگەن ئىشلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.