ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەت دەۋرىگە قەدەم قويدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-05-27
Share

ئامېرىكا ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كۇرت كامپېل «ئامېرىكا خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەت دەۋىرىگە قەدەم قويدى» دېگەن.

«بلۇمبېرگ» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى كۇرت كامپبېل 26-ماي كۈنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانلىق قىلغان بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا: «خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىش دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان دەۋر ئەمدى ئاخىرلاشتى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتى ‹يېڭى بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پارامېتىرلار ئاستىدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈمران ئەندىزە رىقابەت بولىدۇ،» دېگەن.

كامپبېل سۆزىدە خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان چېگراسىدا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇش، ئاۋستىرالىيەگە قارشى ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىكى ۋە مۇشتۇمزورلۇق دىپلوماتىيەسىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ئامېرىكانىڭ سىياسەت ئۆزگەرتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتكەن.

«بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، كۇرت كامپىلنىڭ يۇقىرىقىى سۆزىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تەينىڭ خىتاي سودا ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتتىن بۇرۇن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى زور رىقابەت مەۋجۇت دىيىشىمۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

ئۇندىن باشقا يەنە پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئامېرىكادا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى دىيىشىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 27-ماي كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى رىقابەت دەپ ئىزاھلاش خاتا، چۈنكى ئۇ پەقەت قارشىلىشىش ۋە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت