خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقساي چىن تۆمۈريولىنى ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە ئۇلىماقچى
2023.02.15
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىغا تۇتىشىدىغان يېڭى تۆمۈريولى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ تۆمۈريول پۈتكەندە ئاقساي چىن رايونىنىڭ بۇ ئىككى رايون بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى تۆمۈريول لىنىيەسى خىتاي بىلەن ھىندىستان تالىشىۋاتقان ئاقساي چىن رايونىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندا تىبەت تەۋەسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تۆت مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ G219 دۆلەت تاشيولىنى بويلاپ ياسىلىدىغانلىقى پىلانلانغان. ئەمما دەل مۇشۇ تاشيول لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 1962-يىلىدا ھىندىستان-خىتاي ئۇرۇشى پارتلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسى تىبەتنىڭ شىگاتسى شەھىرىدىن باشلىنىپ ئاقساي چىن رايونىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن خوتەنگە تۇتىشىدۇ. شەرقتە بۇ يول ئارقىلىق تىبەت رايونى سىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي قۇرۇلۇش 2035-يىلى تاماملىنىدىغان بولۇپ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە «بۇ قۇرۇلۇش ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئىككى خىل مەقسەتنىڭ بارلىقى، بىرى خىتاينىڭ چېگرا بويىدىكى ھەربىي سەپەرۋەرلىك پىلانى ئىكەنلىكى، يەنە بىرى تىبەت رايونىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالدا خىتاي تېررىتورىيەسىگە باغلاش ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، كەشمىر رايونىنىڭ شەرقى قىسمى بولغان ئاقساي چىن رايونى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن لاداخ رايونى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى 14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.









