ئاقسۇ دائىرىلىرى «قارا كۈچكە، رەزىللىككە چېتىشلىق» كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا مۆھلەت بېكىتىپ بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قانۇن تارماقلىرى يېقىندا بىرلەشمە چىقىرىپ، ئاتالمىش «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىك» كە چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا مۆھلەت بېكىتىپ بەرگەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 29‏-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت، ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىك» كە چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ 5‏-ئاينىڭ 30 كۈنىگىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشى، مەسىلىسىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىغانلارنىڭ ياكى ئىقرار قىلمىغانلارنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوزغىغان «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» دولقۇنى كىشىلەرنى مەسىلە تاپشۇرۇشقا ياكى باشقىلارنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان بىر مەزگىلدە بۇ ھەرىكەت، ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتكە تايانمىغان بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرغا قاماق جازاسى بېرىشى ياكى ئۇلارنى لاگېرلارغا سولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىك» كە چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭغا چېتىشلىق «كۈچلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ پائال تۈردە ئۇلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشى» ياكى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ، جىنايەتچىنى ئەكېلىپ بېرىشى» تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، پۇقرالارنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىپ، بۇ خىل قىلمىشلارغا ئالاقىدار «قىممىتى بار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، قارا، رەزىل، كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش، زەربە بېرىشتە مۇھىم تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپلەۋاتقان «قارا كۈچ ۋە رەزىللىك» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۈجمەل بولۇپ، ئۇنىڭدا سىياسىي، دىنىي ئىپادىلەر بىلەن ئىجتىمائىي قىلمىشلار ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت