جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خاڭجۇ بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى كۆپەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.12

«شىنجاڭ شەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرى بىلەن ئاقسۇ ئارىسىنى ئۈرۈمچى ئارقىلىق بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان خاڭجۇ-ئۈرۈمچى-ئاقسۇ ھاۋا قاتنىشىدا، 26-مارتتىن ئېتىبارەن ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىش قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەسلىدىن بار بولغان خاڭجۇ-ئۈرۈمچى-ئاقسۇ نۆۋەتچى-ئايروپىلانىمۇ داۋاملىق قاتنايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى ئاقسۇغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى مەخسۇس ئاقسۇغا ياردەم بېرىش شتابى قۇرغان، تېخى يېقىندىلا جېجياڭ ئۆلكىسىدىن 9-تۈركۈمدىكى 400 كادىر ئاقسۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇدا جېجياڭلىق سودىگەرلەر ۋە كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ سانى كۆپەيگەن بولۇپ، ئاقسۇدىكى كۆپلىگەن تىجارەتلەردە جېجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەنلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاينىڭ «سىنا»تورىنىڭ 2012-يىلدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقسۇدا ۋېنجۇلۇقلار سودا جەمئىيىتى، جېجياڭلىقلار سودا جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇلغان ئىدى. ئاقسۇدىكى بۇ جېجياڭلىقلار مېھمانخانا قۇرۇش، مېۋە، پاختا سودىسى ۋە باشقا تىجارەتلەردە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇ بىلەن خاڭجۇ ئارىسىدا مۇنداق ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى يولغا قويۇش، جېجاڭلىقلارنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.