«ئاقسۇ خەۋەر تورى» : باي ناھىيەسىدە 10 ئائىلە بىرلىشىپ ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.07

«ئاقسۇ خەۋەر تورى» دا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدە 10 ئائىلە بىرلىشىپ ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

بۇ ئەھۋال مەزكۇر ناھىيەنىڭ باي بازىرىدا 25‏-فېۋرال كۈنى قانۇن ساۋاتلىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر 10 ئائىلىنى بىر-بىرىگە مەسئۇل قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان دەسلەپكى يىللاردىلا ئىجرا قىلىنغانلىقى، كېيىنكى يىللاردا بۇ تەدبىرنىڭ شەكلى ۋە نامى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجرائاتى ۋە ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا باي ناھىيەسىدىكى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، نۆۋەتتە ۋاشىنگىتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت سۇلايمان ئەپەندى بايدىكى مەزكۇر 10 ئائىلە بىرلىشىپ ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردىمۇ بارلىقىنى، بۇ تۈزۈمدىكى مەقسەتنىڭ قانۇن ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى ئاھالىلەرنى بىر-بىرىگە پايلاقچىلىققا سېلىش ۋە كۈندىلىك پائالىيىتىنى تولۇق كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاقسۇ خەۋەر تورى» دا بۇ تۈزۈمنىڭ قاچاندىن بېرى يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنمىغان، پەقەت باي ناھىيەسىدە قىش مەزگىلىدە قانۇن تۈزۈم ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىلگىرى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزدە ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئاتالمىش «ئۆگىنىش» قىلىۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەتىگىنى كېلىپ كەچتە قايتىدىغان ئوچۇق لاگېرلاردا مېڭە يۇيۇش ئۆگىنىشلىرىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.