خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىگە دائىر قەلئە خارابىلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان تورى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 200 يىللىق تارىخقا ئىگە چىڭ سۇلالىسىگە ئائىت قەلئە خارابىسىنى قايتىدىن جىددىي رېمونت قىلىشقا باشلىغان.

مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا بارىكۆل ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى ناھىيەنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، 1800 مېتىردىن ئارتۇق ئىزىمۇ قالمىغان شەھەر سېپىلىنى رېمونت قىلغان. ئەسلىدىكى مانجۇ-خىتاي شەھەرچىسىنىڭ ئۆز قىياپىتىنى ئىمكانقەدەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارىكۆل ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يەنە دېشېڭمېن، ۋېيچاڭمېن، شۈەنزېمېن ۋە گۇاڭيۇمېن قاتارلىق نۇرغۇن مۇنارلارنى قايتا ياساپ چىققان. بارىكۆل ناھىيەسىدىكى يېڭى بىنالارنىڭ ئېگىزلىكى ۋە رەڭگىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنى مەنچىڭ قەلئەسىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشاش ھالغا كەلتۈرگەن. بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 2014-يىلدىن باشلاپ پەقەت ناھىيە مالىيەسىدىن چىقىرىلغان مەبلەغ 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر قەدىمىي ئىزلار، 20-ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرە قۇرۇلۇشلىرى ۋە مەسجىت-جامەلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ مۇستەملىكە تارىخىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان.

2009-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 2 مىليون 884 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 29 مىڭ 247 يۈرۈش ئاتا مىراس ئۆيلىرىنى چىقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي پاسونىدىكى قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت