ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ستۇدېنتلارنى ئاساسى قاتلامغا جەلپ قىلىشنىڭ يېڭى چارىسىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.11

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەر خىل تۇرمۇش قولايلىقلىرىنى يارىتىپ بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدا ئىشلەشكە جەلپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى- ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ «ستۇدېنتلارنى ئاساسى قاتلام خىزمىتىگە يۈزلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش جەلپ قىلىش ھەققىدىكى پىكىر» ناملىق مەزكۇر ھۆججىتىدە، جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتنىڭ نامرات يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىغان ستۇدېنتلارغا ئۇلارنىڭ كەسپىي، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى شەرتلەرنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇشىغا قەرز بېرىش، ھەقسىز تەربىيىلىنىش قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات ياقا يېزىلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان ستۇدېنتلارغا سىناق باسقۇچىدا رەسىمى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بېرىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسى قاتلام ئامانلىق ئورگانلىرىغا ۋە مائارىپ ساھەسىگە زور كۆلەمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

بەزى خەۋەردە، بۇ يىل ئىچكىرىدىن 60 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۇقىرى تەمىنات بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى بىر خىل مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتىكەن. ئۇلار، بۇ خىل مۇقىملىق تەدبىرى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ كىرىمى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.