قەشقەر ۋىلايىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئەڭ كۆپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان
2024.02.27
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەيىبلىنىۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان شۇنىڭدەك زور ساندىكى ئۇيغۇرلار لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليون 390 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن
مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «قەشقەردىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 8 مىليون 775 مىڭ موغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 190 مىڭ مو كۆپەيدى؛ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليون 397 مىڭ توننىدىن ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 603 مىڭ توننا ئاشتى. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ساننىڭ 22.17% نى ئىگىلەپ، شىنجاڭدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.»
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ تاشقى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا، جۈملىدىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانىدى.









