خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا بىرنەچچە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنى ئەۋەتمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى ھەققىدە خەلقئارادا كۆپلەپ خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرنى 18-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە باشلىنىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئەۋەتىلىدىغان خىتاي تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللىنىپ بولغان. بۇ ئۆمەك ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كەلگەن سەككىز تەنھەرىكەتچى بار ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدە ۋاسكېتبول ماھىرى ئابدۇسالام، بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ۋە ساھىل ۋالىبول ماھىرى ئابدۇخالىقجان قاتارلىقلار بار ئىكەن. قالغانلار خىتاي ۋە قازاق تەنھەرىكەتچىلەر ئىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۇتبول چولپىنى ئېرپان ھېزىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئۈچ مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ۋە «سىياسىي» ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرنەچچە ئۇيغۇرنى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئەۋەتمەكچى بولۇشى تېگىشلىك دىققەت قوزغىدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بويىماقچى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا خىتايدىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ قىلماقچى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت