ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت 300 نەپەر تور چارلىغۇچى ۋە تور بىخەتەرلىكى خادىمى ياللايدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.18


«تور بىخەتەرلىكى» دېگەن بۇ سۆز نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «مۇقىملىق» دېگەن سۆز بىلەن بىللە تەكرارلىنىدىغان ئاتالغۇغا ئايلانغان.

ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتۇش دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 300 نەپەر تور چارلىغۇچى ۋە تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىمى ياللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا «ئاتۇش شەھىرىنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن» مەزكۇر بىلدۈرگىنى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياللىنىدىغان يوقىرىقى 300 نەپەر خادىم 8 يىللىق توختام بىلەن ئىشقا كىرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىشىگە بولمايدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملارغا قويۇلىدىغان سىياسىي شەرتلەر ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئۇنىڭ 8-ۋە 9-شەرتىدە ئاتا ۋە ئانا ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە 3 ئەۋلاتقىچە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ياكى «تېررورلۇق» جىنايىتى سادىر قىلمىغان، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش جىنايىتى» ئۆتكۈزمىگەن بولۇشى كېرەككەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۆزىدىنلا «تور ساقچىلىقى»ئۈچۈن 300 نەپەر خادىمنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «دۆلەت زوراۋانلىقىنى يۈرگۈزىۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتى» نىڭ ئەڭ سەزگۈر رايونىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.