خىتاي ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئ‍اۋسترالىيە ئ‍ستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» نى سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-21
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن قېتىم گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى دوكلاتى سەۋەبلىك سوتقا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم دائىرىلەر «ئاۋسترالىيە ئ‍ستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» نى سوتقا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق نۇرئادىل ئوبۇلقاسىم ئىسملىك بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن قۇتلۇق قادىر ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ «ئاۋسترالىيە ستىراتېگىيەلىك ئىنىستىتۇتى» نى سوتقا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ئورگاننى سورتقا ئەرز قىىش سەۋەبى ناھايىتى غالىتە بولۇپ، ئۇلار «ئاۋسترالىيە ستىراتېگىيەلىك ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئ‍ۆتكەن يىلى 3-ئ‍ېلان قىلغان دوكلاتى ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى قىلغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتتا ئۆزلىرىنىڭ «ئەمگەكنى مەجبۇرى قىلىدىغان ھورۇن ئادەملەردەك» كۆرسىتىلىپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىشغا دەخلى قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ئاۋسترالىيە خەۋەرلەر» تورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئىنىستىتۇتى» ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر دوكلاتىنىڭ سۈپىتىنىڭ يوقىرىلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز داۋاملىق لوگىكىلىق، مۇستەقىل، سانلىق مەلۇماتلارغا تايانغان تەتقىقاتلارنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىمىز،» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا كۈنسېرى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئوشاش ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىغا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تەھدىت سالماقتا ئ‍ىكەن. دائىرىلەر ئۆتكەن قېتىم قەشقەردىكى «شيوڭيىڭ يىپ شېركىتى» نىڭ ئادرىيان زېنز ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغانلىقى، سوتنىڭ ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئادرىيان زېنز بۇ خىل تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت