ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-23
Share

ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى 23-ئاۋغۇست كۈنى بېلەت تاشلاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رەكس پاترىك تەرىپىدىن سۇنۇلغان «تاموژنا قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى-2021» ناملىق بۇ قانۇندا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەجۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدىكەن.

رەكىس پاترىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى زەنجىرلەپ ئەسىر ئېلىنغان ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ،» دېگەن.

«ئاۋستىرالىيە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەكىس پاترىك يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى شىنجاڭنىڭ زور كۆلەملىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاچقۇچلىق رول ئوينايدىغانلىقى، ئۇنىڭ خەلقئارا ماركىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش خىتاي سانائەت ساھەسىگە كېڭەيگەنلىكى» نى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە خىتاي ھۆكۈمىتىدە «بۇنىڭ مەنتىقىسىز ئىكەنلىكى ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق گۇمان قويماسلىقى كېرەك،» ئىكەن. بىراق بۇ قانۇن نوقۇل ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ تېخىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت